Jawabim Yok
by Rangsiz, GalipWulam
Lyrics : Rangsiz/GalipWulam بۇ سوغۇقتىن قاچان يانار چىراغ زىمىستان قۇياش چىقىشتىن يىراق نەپىسىم بار لېكىن سايەم يوق بىراق ھاياتىمدا يوق ، ھېچبىر خوش پۇراق ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ سېنىڭ ھالىڭنى ئاڭلاشمۇ خوشياقمايدۇ ئېيتقان ھەربىر زارىڭنى سېنىڭكى توغرا بولسىمۇ ، ئۇلار ئالدىدا خاتا بولىدۇ يولۇققاندا ئۆزۈڭ بىلىسەن قىلغانلىرىڭ بىكار بولىدۇ يۈرۈكۈم پارە پارە تاپالمايسەن ، ھېچ بىر چارە كىملەردىن ئۆتۈنسەڭ ، كىملەر ئالدىدا بولىسەن زارە سەن سۆيگەن سېنى سۆيگەنلەر مېنى تاشلاپ كېتىدۇ چىراغ نۇرى قالىدۇ ، قۇياشنىڭ نۇرى يۇتىدۇ نەچچە قېتىم يېڭىلدىڭ ، سەن نەچچە قېتىم يىقىلىپ نەچچە قېتىم چىداپ تۇرۇپ ، رېئاللىققا ئېتىلىپ يات شەھەردە نەچچە قېتىم ئۆيۈڭنى سەن سېغىنىپ نەچچە قېتىم قاراپ قالدىڭ ، ئادەملەردىن ئېچىىنىپ بىلسەڭ تۇرمۇش دېگەن مۇشۇ ئۆزى بېرىپ ئۆزى ئېلىپ كېتىدۇ كىملەر مۇرادىغا يېتىدۇ تۇرمۇش دېگەن مۇش كىملەر دەردىڭگە يېتىدۇ كىملەر سېنى سۆيىدۇ ، كىملەر سېنى تاشلاپ كېتىدۇ بۇ سوغۇقتىن قاچان يانار چىراغ زىمىستان قۇياش چىقىشتىن يىراق نەپىسىم بار لېكىن سايەم يوق بىراق ھاياتىمدا يوق ، ھېچبىر خوش پۇراق جاۋابىم يوق ، جاۋابىم يوق ، جاۋابىم يوق بۇ سوغۇقتىن قاچان يانار چىراغ زىمىستان قۇياش چىقىشتىن يىراق نەپىسىم بار لېكىن سايەم يوق بىراق ھاياتىمدا يوق ، ھېچبىر خوش پۇراق
Share these lyrics